شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (خەلقئارا نۇسخىسى)نى كۆرسىتىشنى باشلاش مۇراسىمى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى داڭلىق زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان پائالىيەتكە قاتناشتى. پىروگرامما شۇ كۈندىن باشلاپ رۇسىيە پۈتۈن رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ـ رادىيو شىركىتى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئورگان گېزىتى «رۇسىيە گېزىتى» تور بېكىتى، رۇسىيە تەبىئىي گاز تاراتقۇ پاي كونترول پاي شىركىتى، رۇسىيە چوڭ ئاسىيا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق كۆپ سۇپىلاردا كۆرسىتىلىدۇ.
«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»(خەلقئارا نۇسخىسى)دە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى ۋە سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، دىققەت يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئائىلە تەربىيەسى قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل ـ پاراسىتى، چوڭقۇر پەلسەپەۋى بىلىمى ۋە ئالىيجاناب ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھېسسىياتى قالتىس نامايان قىلىنغان.