شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، شۇنداقلا كۆپ قۇتۇپلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ كۈچ، دۇنياۋىلىشىشقا مەدەت بېرىدىغان ئىككى چوڭ بازار، كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى قويۇق بولدى، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى جانلىق ۋە رەڭدار بولدى، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولدى. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلدى. ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنيانى يورۇتتى. مەن جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس كوستا ۋە رەئىس ۋوندېرلېيىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدىكى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمراھلىق ئورۇن بېكىتمىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، سۈركىلىش ۋە ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشنى خالايمەن. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن 50 يىلدا، جۇڭگو تارىختىكى ئەڭ تېز سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو كەڭ ئالاقە ئورنىتىپ، بىر - بىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھىغا ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ھازىرقى دۇنياۋى ئېنىقسىزلىق ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، گۈللىنىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كوستا، ۋوندېرلېيىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئىجابىيلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشچانلىقى، دۇنياۋىلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ ئېنېرگىيە قوشۇشنى خالايدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن 50 يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى ۋە كېڭەيدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە مۇقىم بولغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشنى خالايدۇ.