دىڭ شۆشياڭ «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-تومىنى ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك

2025.05.07 13:44 مەنبە: خەلق تورى

«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-تومىنى ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا 5-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى ھەم ئوقۇش باشلاش دوكلاتى بەردى.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ يېڭى مەنزىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت بىلەن ماس قەدەمدە ئورتاق ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق رايىنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق مۇساپىسىدە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىقتىساد خىزمىتىنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىشلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇدىرى (شۆيۈەن مۇدىرى) چېن شى قاتناشتى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى.

«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1-تومىنى ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ