شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «تىنچلىقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، دەۋر يېڭى سەھىپىسى − جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش جۇڭگو ـ رۇسىيە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى ۋە رۇسىيە خەلقى دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن بىرلىكتە ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئىسسىق قېنى بەدىلىگە يىمىرىلمەس ئۇلۇغ دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغانىدى. 80 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇرچنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئاممىغا يېقىن بولغان، ھارارەتكە تولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۆپ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى رەڭدار تۈس قوشۇشىنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«تىنچلىقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، دەۋر يېڭى سەھىپىسى − جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش جۇڭگو ـ رۇسىيە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى»نى جۇڭگو مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن رۇسىيە پۈتۈن رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ـ رادىيو شىركىتى شۇ كۈنى موسكۋادا بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ پائالىيەتكە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.