5-ئاينىڭ 6-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئالاقىلىشىش، سۆزلىشىش كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، مەنپەئەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەمكارلىق كۆلىمى ۋە سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ھەم بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى، ھەم دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈپ پايدا ـ زىيان توقۇنۇشى يوق، جۇغراپىيەلىك سىياسىي زىددىيىتىمۇ يوق، ئۇلار بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەمراھلار. نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشتە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ئالغا ئىلگىرىلىشى، ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىلىك ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى تېخىمۇ كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان 50 يىلىنى ئورتاق ئېچىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. خەن جېڭ جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىللىق تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاقىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مۇقىم، ئاكتىپ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇرەككەپ، داۋالغۇش خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا ئىختىلاپلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسى ۋە تەرتىپىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىللىق تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئەسلەپ ۋە يەكۈنلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى 50 يىللىق تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىشى كېرەك.