مۇھىم خەۋەرلەر

پاكىستان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھىندىستان دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى

2025.05.09 14:17 مەنبە: خەلق تورى

ئۇنىۋېرسال خەۋەر: پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز شېرىف 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، ھىندىستان تەرەپتىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھىندىستان تاراتقۇلىرى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان تەرەپنىڭ قوللىنىشى مۇمكىن بولغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستان تەرەپ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى.

پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شاھباز شېرىف 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ھىندىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇمى بىر ئېغىر خاتالىق، جەزمەن ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن.

پاكىستان ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چودۇرى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: ھىندىستان ئارمىيەسى شۇ كۈنى قوزغىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 31 پاكىستان پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 57 ئادەم يارىلاندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ