ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئىچكى كابېنتى شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەت پىلانىنى كېڭەيتىشنى تەستىقلىدى، بۇ قارار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئىسپانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ليۇكسېمبۇرگ، نورۋېگىيە ۋە سلوۋېنىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسرائىلىيەنىڭ پىلانى ئۇرۇشنىڭ «يېڭى خەتەر دەرىجىسى»گە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلار غەززە رايونىدىكى ھەرقانداق نوپۇس ۋە زېمىن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بۇ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دېدى.