4-ئاينىڭ 7-كۈنى دۇنيا سەھىيە كۈنى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ پايدىسىدا، دۇنيا بويىچە ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %40 تۆۋەنلىگەن.
«ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۈزلىنىشى» ناملىق بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2016-يىلىدىن بۇيان، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى. 2023 ـ يىلى، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 260 مىڭ ئايال ھامىلىدارلىق ياكى تۇغۇتنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، بۇ، تەخمىنەن ھەر ئىككى مىنۇتتا بىر ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە باراۋەر.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي بىر پارچە ئاخباراتتا مۇنداق بىلدۈردى: گەرچە بىز مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش لايىھەسىنى ئىگىلىگەن بولساقمۇ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھامىلىدارلىقنىڭ خەتىرى يەنىلا ناھايىتى چوڭ.