ۋاڭ خۇنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەش كېرەك

2025.04.03 10:54 مەنبە: خەلق تورى

ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى ۋە خاراكتېرى، ئورنىنى ئىگىلەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە سىياسىي ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەت قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. كۈچنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەشتە مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچ ۋە بايلىقنى ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ دەللىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەخسۇس نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىيەت شەكلىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەخسۇس نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى خۇلاسىلەپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ھېكايىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەخسۇس نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پىلانلاپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى فەن جيې سۆز قىلدى.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، شاڭخەي، ئەنخۇي، خۇنەن پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ