مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك ئىختىساسلىقلار بايلىقى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى ھەممە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلار توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەرگە يۈزلىنىپ ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر-يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىدا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنى ياخشى تۇتۇپ، يانداش سىياسەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان» قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، ئىش ئورنى تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىتىش كېرەك. سىياسەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى يولغا قويۇپ، بالدۇر يولغا قويۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بالدۇر، كۆپ قوبۇل قىلىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەشكە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بويىچە قوللاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش-مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كەسىپ تاللىشى، تېخىمۇ تېز ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە شەخسىي ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، كەسىپ ۋە ئىش ئورنىنى ئاقىلانە، ئەمەلىي تاللاشقا يېتەكلەش كېرەك. «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش-يۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش-تىزگىنلەش ھېسابات دەپتىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار توپىغا ئالدىن ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن خىزمەت مەيدانىغا ئۆتۈشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، تارماقلار، ئالىي مەكتەپلەر تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى كۆزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ چوڭ ئىشنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، مىنىستىرلىق-كومىتېتلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شەندۇڭ داشۆدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.