مۇھىم خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى كومىتېتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: غەززەگە بېرىلىدىغان ياردەمنى قامال قىلىش مىليوندىن ئارتۇق بالىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

2025.04.07 15:19 مەنبە: خەلق تورى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى (بالىلار فوندى جەمئىيىتى) 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدا بۇ نۆۋەتلىك توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيانقى «ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان قامال قىلىش» شۇ جايدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق بالىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن بۇيان، غەززە رايونىغا ھېچقانداق ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى، بۇ قامال قىلىش مەزگىلى بۇ نۆۋەتلىك توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيانقى ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغان بىر قېتىملىق قامال قىلىش بولۇپ، يېمەكلىك، بىخەتەر ئىچىملىك سۇ ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كېسەللىك ۋە ئەسلىدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بالىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ