مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ئۇكرائىنا قېزىلما بايلىقلارنى قېزىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، دېدى

2025.02.21 15:11 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بېسېنت مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا ئالاقىدار كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى تەڭشىشى مۇمكىن. بېسېنت رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا ئالاقىدار سۆھبەتتە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ سۆھبەت ئارزۇسىغا ئاساسەن جازانى ئېغىرلىتىش ياكى ئازايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەردى.

بۇنىڭدىن باشقا، بېسېنت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلكىدىكى ئالتۇن مىقدارىنى قايتىدىن باھالاپ، ئامېرىكىنىڭ قەرز پۇل ئېھتىياجىنى ئازايتىش ياكى ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى پەرەزگە رەددىيە بەردى.

بېسېنت يەنە مۇنداق بىلدۈردى: ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي ماڭا ئۇكرائىنانىڭ 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى بىر كېلىشىم ئىمزالاپ ئۇكرائىنانىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى قېزىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەردى، لېكىن ھازىرغىچە بۇ كېلىشىم ئىمزالانمىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ