لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، «2025-يىللىق تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى تۈگىتىشكە ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەر تەتقىق قىلىندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلان قانۇنى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى

2025.02.11 13:17 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، «2025-يىللىق تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى تۈگىتىشكە ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەر تەتقىق قىلىندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلان قانۇنى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. كۆز قاراشنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، مائاش خاراكتېرلىك كىرىمنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى تەسىرچانلىقى كۈچلۈك، ئېشىش بوشلۇقى چوڭ ئىستېمال ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك. مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت ئىستېمالىنى قوللاش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش، قار-مۇز ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش، چېگرادىن كىرىش ئىستېمالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تۇرالغۇ ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، ئاپتوموبىل ئىستېمال زەنجىرىنى ئۇزارتىش كېرەك. ئىستېمالغا ماركا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تېز تەرەققىياتىنى قوللاپ، «سۈنئىي ئەقىل+ئىستېمال»، ساغلام ئىستېمال قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال يېڭى مەھسۇلاتلىرى، يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى قىزىق نۇقتىلىرىنى داۋاملىق بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۈپەت ئۆلچىمى، ئىناۋەت چەكلىمىسى، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق تۈزۈملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكسپورتنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجە ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولى بار، شۇڭاتېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ساقلانما مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاشما مىقدارنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئېچىۋېتىش سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى تاشقى مەبلەغ ئىجازەت چېكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىش-ئۈلگە كۆرسىتىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدە قايتا مەبلەغ سېلىشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ جۇڭگودا پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، چەت ئەل مەبلىغى سېتىۋېلىش قائىدىسى ۋە سېتىۋېلىش سودا تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغى تۈرلىرىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چېگرادىن كىرىش-چىقىش، تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەل كارخانىلىرىدىكى خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەمىنات بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ ھەل قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، سۈپەت ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىكتۈرۈش، قايتا تەشكىللەشنى ئالغا سىلجىتىپ، قالاق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەمىناتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان بازار تەرتىپىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلان قانۇنى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىنىپ ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىنىپ، لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنىڭ ئىلمىيلىشىش، دېموكراتىيەلىشىش، قانۇنچىللىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ