شى جىنپىڭ 38 ـ نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.02.17 15:47 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 2 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 38 ـ نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو ۋە ئافرىقا ۋەكىللىكىدىكى «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» كۆرۈنەرلىك زورايدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، رايون ۋە يەرشارىۋى خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، «ئافرىقا ساداسى»نى بىردەك تارقىتىپ، ئافرىقىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2024 ـ يىلى جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بىر يىل. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا يېڭى دەۋردىكى دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ئالدىدا داۋاملىق ماڭدى. مەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئالتە چوڭ تەشەببۇس ۋە «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو − ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ