2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نامىبىيەنىڭ دۆلەت قۇرغۇچى زۇڭتۇڭى نۇجومانىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامىبىيە زۇڭتۇڭى مۇبېمباغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، سابىق زۇڭتۇڭ نۇجومانىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن، نامىبىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سابىق زۇڭتۇڭ نۇجوما ئافرىقىنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد سىياسىيونى، ئىنقىلابچىسى بولۇپ، نامىبىيە خەلقىنى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقىغا ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تارىخىي تۆھپە قوشقان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقنى چىڭىتىپ تۇرۇپ، جۇڭگو - نامىبىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇق ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ۋاپاتى نامىبىيە خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش، جۇڭگو خەلقىمۇ بىر قەدىناس دوستى، ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو بىلەن نامىبىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - نامىبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.