شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دېڭىز ئارمىيە داشياۋسى لى شى مۇنداق بىلدۈردى: 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كانادانىڭ «ئوتتاۋا» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى ھەمدە بۇنى ئاشكارا كۆپتۈردى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز، ھاۋا ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، كانادا ھەربىي پاراخوتىنىڭ يۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلدى.
كانادا تەرەپنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى قانۇن نەزەرىيەسىنى بۇرمىلاپ، كۆز بويامچىلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى قەستەن چاتاق چىقىرىپ ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بارلىق تەھدىت ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.