دۇنياۋى سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان مايمۇن چېچىكى يۇقۇمى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ Ib تارمىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق يامراپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك مىساللىرى كۆرۈلگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ئېلان قىلغان مايمۇن چېچىكى يۇقۇمى ئەھۋالى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، دۇنيا مىقياسىدا 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون 124 مىڭ 753 بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويغان، 272 بىمار ئۆلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ Ib تارمىقى پەيدا قىلغان يۇقۇم ئەھۋالى ئاساسلىقى كونگو (كىنشاسا)، بۇرۇندى ۋە ئۇگانداغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، 2023-يىل 9-ئايدىن بۇيان، مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ Ib تارمىقى كونگو (كىنشاسا)دىكى سەككىز ئۆلكىدە بايقالغان. ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بۇرۇندى، كېنىيە، رىۋاندا، ئۇگاندا ۋە زامبىيەدە مەھەللىلەردە تارقالغانلىقى دوكلات قىلىنغان، زىمبابۋې ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك مىسالىنى دوكلات قىلغان.
دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا يەنە كۆرسىتىلىشىچە: ئافرىقا سىرتىدىكى 13 دۆلەت مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ Ib تارمىقى بىلەن يۇقۇملانغان 38 بىمارنى دوكلات قىلغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۆلگەن بىمارلار تېخى دوكلات قىلىنمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ Ib تارمىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇنجى كېسەللىك مىسالىنى دوكلات قىلغان بولۇپ، بۇ كېسەللىك مىسالىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئۇگاندادا ساياھەت قىلىش تارىخى بار ئىكەن، باشقا دۆلەتلەر دوكلات قىلغان كېسەللىك مىسالىدا يەتتىسىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ساياھەت قىلىش تارىخى بار ئىكەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە مەھەللىدە تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.