مۇھىم خەۋەرلەر

ترامپ ھىندىستانغا سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2025.02.17 15:53 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا ھىندىستانغا قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ ھەمدە ھىندىستانغا F-35 تىپلىق كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىدۇ. ترامپ شۇ كۈنى ئاقسارايدا زىيارەتكە كەلگەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا سېتىپ بېرىدىغان قورال-ياراغ سوممىسى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشىدۇ، «بىز يەنە ئەڭ ئاخىرىدا ھىندىستانغا F-35 تىپلىق كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىشكە يول ئاچىمىز».

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ