شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن كامبودژا پوچتا-تېلېگراف مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت خۇلاسە يىغىنىدا، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭماناي پوچتا-تېلېگراف تارماقلىرىدىن ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تور ئالدامچىلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىشنى ھەمدە تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
خۇڭماناي يەنە باش ۋەزىر ۋە مۇئاۋىن باش ۋەزىر قاتناشقان كومىتېت قۇرۇپ، ئادەم توشۇپ سېتىشقا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.