شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2025.02.06 14:43 مەنبە: خەلق تورى

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ زەردارى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا زەردارى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان جانجىگەر دوستلار ۋە دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار. ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن جۇڭگو - پاكىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ قەتئىي تۈردە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا قوللاپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيە جەھەتتىن مۇئامىلە قىلىپ، پاكىستانغا قارىتىلغان دوستلۇق سىياسىتىدە يۈكسەك مۇقىملىق ۋە ئىزچىللىقنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پاكىستاندىكى بارلىق خەلققە يۈزلەندى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك. پاكىستاننىڭ جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىدىن ئالدى بىلەن نەپكە ئېرىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ھەمكارلىقىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پاكىستان تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. پاكىستان تەرەپنىڭ پاكىستاندىكى جۇڭگولۇق خادىملار، تۈر ۋە ئاپپاراتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى پائال قوللىغانلىقى ھەم ئالاقىدار ھەمكارلىقلارغا قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرىنى توسۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

زەردارى مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان بىلەن جۇڭگو يېقىن قوشنا دۆلەت، تېخىمۇ مۇھىمى دائىملىق ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار. پاكىستان - جۇڭگو دوستلۇقى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبى باشتىن - ئاخىر زىچ تۇتاش. ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پاكىستان تەرەپ قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پاكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى خالىس ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پاكىستاننىڭ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا بارغانسېرى زور يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈنسېرى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، سودا، پەن - تېخنىكا، رادىيو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا زەردارى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. زەردارى شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا زەردارى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ