مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئارمىيەنىڭ جابدۇق پەن تەتقىقات نىزامى» ئېلان قىلىندى

2025.02.06 14:44 مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئارمىيەنىڭ جابدۇق پەن تەتقىقات نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2025 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جابدۇق پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جابدۇق پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئارمىيەنىڭ جابدۇق پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن - نىزامى.

«نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 49 ماددا بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى قورال - جابدۇقلارنى زامانىۋى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن تەننەرخلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساش، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش ۋە ئېچىۋېتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جابدۇق پەن تەتقىقاتىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېزلىتىلىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جابدۇق قۇرۇلۇشىدا تىپ ئۆزگەرتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان ۋە پىلاننى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈر تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تۈرلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق تەرتىپ، مېخانىزملار ئەلالاشتۇرۇلىدۇ؛ تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جابدۇقلارنى ئالدىن تەتقىق قىلىش، جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، جابدۇقلارنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ئىجادىي يولغا قويۇلىدۇ؛ سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جابدۇق پەن تەتقىقاتىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، تەننەرخنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، باھالاش، نەتىجىلەرنى باشقۇرۇش، ۋاسىتە تىرىكى، بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىقلار سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ؛ نازارەت قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساھەلەرنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش شەكلى، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش، تۈزىتىش تەدبىرى، كونكرېت جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى ئىنچىكىلەشتۈرۈلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ئارمىيەنىڭ جابدۇق پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ