1 - ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگىنىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، سىن ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنىڭ ۋەزىپە شۆبە ئەترىتى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى قىرغاق پاراخوتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەلۇم تۇەنىنىڭ نۆۋەتچىلىك شۆبە ئەترىتى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەلۇم يىڭى، ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمىنىڭ مەلۇم كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش پونكىتى، جېڭجوۋ بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت مەركىزى ئاپتوموبىل تىرانسپورت مەلۇم تۇەنىنىڭ 2 ـ يىڭى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى رىكازى تارماق ئەترىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 3 ـ چوڭ ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر بىلەن سىنلىق سۆزلەشمەكتە (بىرىكتۈرمە سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
1 - ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگىنىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، سىن ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگىنىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، سىن ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.
دېھقانلار كالېندارى بويىچە كىچىك يىل ئۆتۈپ كەتتى، لياۋشېن تۇپرىقىدا خۇشال بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگىنىغا كەلدى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئالاقىدار قىسىملار بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى. جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنىڭ ۋەزىپە شۆبە ئەترىتى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى قىرغاق پاراخوتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەلۇم تۇەنىنىڭ نۆۋەتچىلىك شۆبە ئەترىتى، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەلۇم يىڭى، ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمىنىڭ مەلۇم كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش پونكىتى، جېڭجوۋ بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت مەركىزى ئاپتوموبىل تىرانسپورت مەلۇم تۇەنىنىڭ 2 ـ يىڭى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى رىكازى تارماق ئەترىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 3 ـ چوڭ ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر رەتلىك سەپ تۈزۈپ، شى جۇشىغا ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەرتىپ بويىچە دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر نەچچە كۈندىن كېيىن باھار بايرىمى بولىدۇ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئېھتىماللىقى بولغان تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام، خاتىرجەم، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.