لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ئارگىنالىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەم يېڭى يىللىق خىزمەتلەرگە قارىتا سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىلدى

2025.02.06 14:44 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات مۇزاكىرە قىلىندى، ھەمدە يېڭى يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىندى.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغانلىق، گوۋۇيۈەننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى. بىر پارچە يۇقىرى سۈپەتلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى شەكىللەندۈرۈش ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئېھتىياجىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دوكلاتقا يەنىمۇ ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر يىلدا، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت-فاڭجېنلىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىنتايىن ئېنىق بولدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىستېمىلىق، ئىجادىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ئىچى بىلەن چەت ئەلنىڭ، ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسىنىڭ، ماكرو بىلەن مىكرونىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، كۆپ خىل نىشان ئاستىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، ھەم بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، بوشلۇقى زور بولغان تەرەققىيات ساھەسىنى توغرا تېپىپ، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك، قوزغىتىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان خىزمەت تۇتقىسىنى ياخشى پىلانلاپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولالايدىغان تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىلارنى يارىتىش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ ۋە بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، تەرەققىيات نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىش؛ دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش؛ كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلىپ، ھېس قىلغىلى، يەتكىلى بولىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش؛ كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، سىياسەت بىلەن بازارنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ ئاكتىپ نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئورتاق ئىلگىرىلەپ، تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئوبيېكتىپ، دىيالېكتىكىلىق مۇئامىلە قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەم يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن روھ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش چارىسى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىشقا ماھىر بولۇپ، خىزمەتنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، نىشاننى ئېنىق، باھالىغىلى، سىياسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات قىلغىلى، يانداش تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا يېتىشىپ ماڭىدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا سەرپ قىلىش، ھەمدە ئىجرا قىلىش داۋامىدا سىياسەت تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، بازار ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

گوۋۇيۈەن ئومۇمىي يىغىنى تەركىبىدىكىلەر يىغىنغا قاتناشتى، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ