ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2025.01.27 18:42 مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 30-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىشقا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاشنى يىغىننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» ۋە خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2025-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل-پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە) ۋە سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2024-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلانى، نۇقتىلىق دېموكراتىك نازارەت قىلىش پىلانى، 2025-يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى مەركەزلىك ئۆگىنىش، تەربىيەلەش پىلانى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشى (2024-يىل)»، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2024-يىللىق ئەزالارنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە 2025-يىللىق خىزمەت پىلانى يازما شەكىلدە قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا لۇ جىننىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10-يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، ياڭ جېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ