1 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتتىق سوغۇققا قارىماي لياۋنىڭغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خۇلۇداۋ شەھىرى سۈيجۇڭ ناھىيەسى مىڭشۈي مانجۇ يېزىسىنىڭ جۇجياگوۋ كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكتىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى
1 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتتىق سوغۇققا قارىماي لياۋنىڭغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شېنياڭ دادۇڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلەر سودا سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، دۇكان ئىگىلىرى ۋە خېرىدارلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىككە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتتىق سوغۇققا قارىماي لياۋنىڭغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى! مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، يىلان يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ بەخت - سائادەتلىك بولۇشىغا، ھەر يىلىنىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىغا، گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!
1-ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خاۋ پېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى لى لېچېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، خۇلۇداۋ، شېنياڭ، بېنشى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، بازار، مەھەللە، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە گۈزەل تىلىكىنى يەتكۈزدى.
1-ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خۇلۇداۋ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، بىر سائەتكە يېقىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سۈيجۇڭ ناھىيەسى مىڭشۈي مانجۇ يېزىسىنىڭ جۇجياگوۋ كەنتىگە كەلدى. بۇلتۇر 8 - ئايدا، بۇ جاي ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قىش كىرىشتىن بۇرۇن 41 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى قايتا سالغان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. شى جىنپىڭ كەنت ئېغىزىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەينى چاغدىكى ئۆيلەرنى سۇ بېسىپ كېتىش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى يۆتكەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئارقىدىن كەنت پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ سىن، كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شۇ جايدىكى كادىرلارغا ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى جەزمەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.
ھازىر دەل دېھقانلار كالېندارى بويىچە كىچىك يىل بولۇپ، ھەممە ئائىلە چۇنليەن ۋە دېرىزە گۈللىرىنى چاپلىغانىدى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كەنت ئاھالىسى جۇ شىسۇن، ۋاڭ باۋۋېينىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۆي قۇرۇلمىسى، سۈپىتى ۋە باھار بايرىمىلىق مال تەييارلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا سېلىنىدىغان ئۆيلەرگە بېرىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ نەقلەشكەن - نەقلەشمىگەنلىكىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسىنىڭ ئاساسلىقى قايسىلار ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. ۋاڭ باۋۋېي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرغاندا، ۋاڭ باۋۋېي باش شۇجىغا يېڭى ئۆيلەرنىڭ ئازادە، ئىسسىق ئىكەنلىكىنى، باھار بايرىمىلىق ماللارنىڭ ھەممىسىنى تەييارلاپ بولغانلىقىنى، پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدار ئىكەنلىكىنى، باش شۇجىغا مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭدىن يەنە قانداق تەلىپى ۋە ئۈمىدى بارلىقىنى سورىغاندا، ئۇ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلار ھەم بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مەڭگۈ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك تايانچى.
كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، ئالقىش ساداسى، تەنتەنە ساداسى كىچىك تاغلىق كەنتنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، سىلەرنىڭ بۇ جاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلىتىمىزدىكى بەزى جايلار تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىدى. پارتىيەمىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئامما بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق ئامما ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلەيمەن.
شېنياڭ دادۇڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلەر سودا سارىيىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، مول خاسلىققا ئىگە باھار بايرىمىلىق تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، نۇرغۇن دۇكاننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دۇكان ئىگىلىرى ۋە خېرىدارلار بىلەن كۆپلەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدىكى بازار تەمىنات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كۆپچىلىك باش شۇجىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، ئارقا - ئارقىدىن «باش شۇجى ياخشىمۇ سىز!» دەپ تەنتەنە قىلدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر، ئاشلىق، مېۋە - چېۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، ھازىر ماددىي بايلىق مول، باھار بايرىمىدا جەم بولغاندا تېخىمۇ مۇھىمى كۆپچىلىكنى ياخشى يېيىش، ساغلام يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ مەركەزلىك ئۆزگەرتىلگەن دادۇڭ رايونى چاڭئەن كوچىسى چاڭئەن ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، تۆت ئەۋلاد بىرگە ياشايدىغان لاڭ سۇلەننىڭ ئۆيىگە كىرىپ يوقلىدى. ئولتۇراق رايون ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت كاپالىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى بىلىپ، شى جىنپىڭ مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەرنى يېڭىلاشتا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەھەللە قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەممىدە خەلققە قولايلىق بولۇش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى كۆزلەش، بولۇپمۇ «ياشانغانلار ۋە بالىلار»غا تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش كېرەك.
مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، بىر قىسىم مەھەللە ئاھالىلىرى چۇنليەن يېزىۋاتاتتى، بالىلار جۇڭگو تۈگۈچى توقۇۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، پات - پات ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ماختاپ، ئۇلارنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ يەنە زور ئىشتىياق بىلەن مەھەللىدىكى پېنسىيەگە چىققان خادىملار ئورۇنلىغان نەي تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكىدىن ھۇزۇرلاندى. ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش يېڭى بىر يىلدا بىر ياخشى باشلىنىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەممە ئائىلىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى، چوڭ - كىچىك ھەممەيلەننىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشى دەل جاھاندىكى گۈزەل مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ گۈزەل مەنزىرىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
ئولتۇراق رايوندىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا، ئاھالىلەر شوخ ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناۋاتاتتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
1-ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېنشىغا كېلىپ، ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىغا قاراشلىق بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ 3 - سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ كارخانىنىڭ مەركەزلىك كونترول مەركىزىدە مەركەزلىك كونترول ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، سېختا سوغۇق پىروكاتلاش ئىش تەرتىپى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەھسۇلات ئىقتىدارىنى ئىگىلىدى، ھەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ياش تېخنىكا تايانچلىرى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياسىمىچىلىق كەسپىدە يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ پەن - تېخنىكا تەركىبى ۋە قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىغا ئوخشاش دۆلەت چوڭ كارخانىلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۆپلەپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
1-ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، لياۋنىڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، لياۋنىڭنىڭ يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە دادىل ئالدىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ لياۋنىڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: لياۋنىڭنىڭ سانائەت سىستېمىسى بىرقەدەر مۇكەممەل، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش ۋە مۇھىم تېخنىكا - جابدۇق جەھەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشتا مۇھىمى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات ۋەزىپىسى قانچە ئېغىر بولغانسېرى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە تايىنىش كېرەك. ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلمەكتە، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، خىزمەتلەرنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: لياۋنىڭنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقى مول، تەرەققىيات ئاساسى بىرقەدەر ياخشى، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە، يېزا ۋە كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە كەسىپ زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تۇتقىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تولۇق قاپلاش، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، ئىش ۋە ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. مەدەنىيەت ئەسلىي ئىجادىيەت كۈچىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، خەلققە مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، خەلق قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى ئىللىتىپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ ياخشى چىڭىتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى ساقلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك، بۇلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا جەزمەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، پاك - تەلەپچان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامنى خۇشال - خۇرام، تىنچ - ئامان، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.
خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.