2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جاپاروف ۋە رەپىقىسى جاپاروۋا بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى
2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا جاپاروف ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان تاغ - دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان، خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر بولغان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار يېڭى يۈكسەكلىكىگە يەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا دائىر خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي تارالدى، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ جەمئىيەت ۋە خەلق رايى ئاساسى كۈنسايىن مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ پىكىر يولىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىقتىساد - سودا، سېلىنما جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، قىرغىزىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللاشنى خالايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قۇرۇپ، ھازىر بار بولغان پورتلارنى زامانىۋى ئۆزگەرتىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە مال ئوبوروتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى، كۇڭزى شۆيۈەنى قاتارلىق ئاپپاراتلارنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان تېخىمۇ كۆپ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىگە باھار بايرىمىلىق ئەڭ گۈزەل تىلەك تىلەيمەن، جۇڭگونىڭ 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىككى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگو قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلار زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى ھەم مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. قىرغىزىستان تەرەپ داۋاملىق تۈردە تەيۋەن مەسىلىسى، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قىرغىزىستان − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدىن ئىبارەت بۇ «پولات - تۆمۈر يىپەك يولى»نى ياخشى قۇرۇپ، كەسىپ، سېلىنما، سودا، قاتناش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئورتاق ئىمزالىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى ھەمدە دىپلوماتىيە، ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا جاپاروف ۋە رەپىقىسى جاپاروۋا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. جاپاروف شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا جاپاروف ئەر - خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.