دىڭ شۆشياڭ شىۋېيتسارىيەدە زىيارەتتە بولدى

2025.01.27 18:44 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ تەكلىپ بىلەن شىۋېيتسارىيەدە زىيارەتتە بولدى. سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، دىڭ شۆشياڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى كېللېر سۇتتېر بىلەن كۆرۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ تەكلىپ بىلەن شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى كېللېر سۇتتېر بىلەن كۆرۈشتى، فېدېراتسىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات مىنىستىرى پارمېلىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

دىڭ شۆشياڭ رەئىس شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ شىۋېيتسارىيە تەرەپ رەھبەرلىرىگە يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، كېللېر سۇتتېر ۋە پارمېلىن دىڭ شۆشياڭغا جۇڭگو رەھبەرلىرىگە بولغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: شىۋېيتسارىيە يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاققىچە يېڭىلىنىپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. 2017-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، ئىككى تەرەپ بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەنىدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «باراۋەر بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىق روھىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىجادىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا توغرا تونۇشنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللىشى كېرەك. ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇرراق ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھاياتلىق ئىلمى، سۈنئىي ئەقىل، يېشىل تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كاپىتال بازىرى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر قېتىملىق جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە پۇل مۇئامىلە سۆھبىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنىڭ 75 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، «جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش، تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىۋېيتسارىيە مەڭگۈ بىتەرەپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلار تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ شىۋېيتسارىيە تەرەپ بىلەن ھازىر بار بولغان مېخانىزم ۋە يوللاردىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپ تەرەپلىك ئىشلار ۋە خەلقئارا، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئالاقىنى ساقلاپ، مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

كېللېر سۇتتېر مۇنداق بىلدۈردى: شىۋېيتسارىيە شىۋېيتسارىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش، «شىۋېيتسارىيە − جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى» پائالىيىتىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شىۋېيتسارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىجادىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. شىۋېيتسارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇش، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى مەيدانى پۈتۈنلەي بىردەك. شىۋېيتسارىيە-جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھېكايىسى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

پارمېلىن مۇنداق بىلدۈردى: شىۋېيتسارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئورتاق مەنپەئەتى كەڭ بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە، ئالىي مائارىپ، كەسپىي تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. شىۋېيتسارىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شىۋېيتسارىيە پۇقرالىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىنى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق قولايلىق تەدبىرلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ قۇيۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ شىۋېيتسارىيەگە كېلىپ، شىۋېيتسارىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ