مۇھىم خەۋەرلەر

بېرما مياۋۋادى تېلېگراف ئالدامچىلىقى باغچىسىدىكى 39 جۇڭگولۇق قۇتقۇزۇۋېلىندى

2025.02.07 14:51 مەنبە: خەلق تورى

بېرما ھۆكۈمىتى تېلېگراف ئالدامچىلىقى رايونىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، تور قىمارۋازلىقىنى قاتتىق زەربە بېرىشكە ۋەدە بەردى

شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، بېرما دۆلەت باشقۇرۇش كومىتېتى ئاخبارات ئۇچۇر گۇرۇپپىسى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: بېرما ھۆكۈمىتى تور قىمارۋازلىقى ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەنپەئەتنى كۆزلەپ بېرما چېگرا رايونى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىك مىللىي قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ كەڭ كۆلەملىك تېلېگراف ئالدامچىلىقى ۋە تور قىمارۋازلىقىغا قاتناشتى، بېرما ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تور قىمارۋازلىقى ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەرمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئاممىسىنى ھۆكۈمەتكە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق زەربە بېرىشكە مۇراجىئەت قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، بېرما تەرەپ شۇ كۈنى تايلاند-بېرما چېگراسىدا بېرما مياۋۋادى تېلېگراف ئالدامچىلىقى باغچە رايونىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان 61 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى تايلاند دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ قېتىم قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار ئىچىدە 39 نەپەر جۇڭگولۇق، 13 نەپەر ھىندىستانلىق، بىر نەپەر قازاقىستانلىق، بەش نەپەر ھىندونېزىيەلىك، بىر نەپەر ئېفىيوپىيەلىك، بىر نەپەر پاكىستانلىق ۋە بىر نەپەر مالايسىيالىق بار ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ