
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 5-چېسلا ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى سىتاكو ئايرودۇرۇمىدا شۇ كۈنى سائەت 10 ئەتراپىدا يېنىك سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، سىيرىلىپ كېتىۋاتقان ياپونىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر ئايروپىلانى توختىتىپ قويۇلغان دامې ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا سوقۇلۇپ كەتكەن، سوقۇلۇشتا ئادەم يارىلانمىغان. ھازىر ۋەقە تەكشۈرۈلمەكتە، سىتاكو ئايرودۇرۇمىدا قىسمەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشى ۋاقتىنچە توختىتىلدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ قېتىمقى سوقۇلۇش ۋەقەسىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ