مۇھىم خەۋەرلەر

كېلىمات ئۆزگىرىشى گرېنلاندىيە مۇز قاپلىمىسى يېرىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلەتتى

2025.02.06 14:45 مەنبە: خەلق تورى

ئەنگلىيە، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ئەنگىلىيە «تەبىئەت ― يەر شارى ئىلمى» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە گرېنلاندىيە مۇز قاپلىمىسى يېرىقىنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى تېزلەشتى. بۇ گرېنلاندىيە مۇز قاپلىمىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، مۇزلۇقلارنىڭ دېڭىز-ئوكيانغا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكىن.

گرېنلاندىيە مۇز قاپلىمىسى جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاپلىمىسىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ مۇز قاپلىمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر پۈتكۈل گرېنلاندىيە مۇز قاپلىمىسى ئېرىسە، پۈتۈن يەر شارىدىكى دېڭىز يۈزى يەتتە مېتىر ئۆرلەيدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، 1992-يىلىدىن بۇيان، گرېنلاندىيە مۇز قاپلىمىسىنىڭ ئېرىشى دېڭىز يۈزىنىڭ 14 مىللىمېتىر ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يېرىق شەكىللىنىدىكەن. چۈنكى، دېڭىز-ئوكيان تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مۇزلۇقلار تېز سۈرئەتتە ئېرىپ، ئېرىگەن سۇ يېرىققا كىرىپ، مۇز قاتلىمىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تېز سۈرئەتتە ئۈزۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە، مۇزلۇقلارنىڭ ئېقىشى تېخىمۇ تېز بولغان جايلاردا يېرىقلارمۇ چوڭايغان ۋە چوڭقۇرلاشقان، بۇ گرېنلاندىيە مۇز قاپلىمىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى يەنىمۇ تېزلىتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇلار بۇ بايقاشنىڭ ئالىملارنىڭ مۇزنىڭ زىيانغا ئۇچراش مىقدارى بىلەن يېرىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىپ، گرېنلاندىيە مۇز قاپلىمىسىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى مۆلچەرلىشىگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ