تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇتان 2-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە مۇنداق جاكارلىدى: شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا تايلاند-بېرما چېگراسىدىكى بېرما رايونىنى تور، توك ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلىدۇ. پۇتان شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تايلاند دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى بىلەن يىغىن ئاچقاندىن كېيىن بۇ قارارنى ئېلان قىلدى.
1996-يىلى تايلاند ئىچكى كابېنتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، تايلاند يەرلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ قوشنا دۆلەت كەنتلىرىگە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سېتىپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلغان. تايلاند يەرلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىدارىسى تايلاندتىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى بولۇپ، 1960-يىلى قۇرۇلغان، تايلاند ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى دۆلەت كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، تايلاند ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىدارىسى بېرمىنىڭ مياۋۋادى رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش رايوننى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.