ستوكھولم خەۋىرى: شىۋېيتسىيە ساقچىلىرى 4-چېسلا كەچتە، ئېرلېبرو شەھىرىدە شۇ كۈنى مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە تەخمىنەن 10 ئادەم ئۆلدى، دېدى.
شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساقچى تەرەپ ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ، لېكىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى «تېخىمۇ كونكرېت» چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز. نۆۋەتتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بىر ئۆلگۈچى جىنايەت گۇماندارى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئادەم يالغۇز دېلو سادىر قىلغان.
ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتە يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپ شەھەر باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ بولۇپ، چوڭلار مائارىپى ئاپپاراتىغا تەۋە، شۇنداقلا كۆچمەنلەرگە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسى ۋە شىۋېيتسىيە تىلى ئۆتىدۇ. ئېرلېبرو شەھىرى شىۋېيتسىيە پايتەختى ستوكھولمنىڭ غەربىدىكى تەخمىنەن 200 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شىۋېيتسىيە باش ۋەزىرى كىرىستىسون 2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىۋېيتسىيە رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ۋەقەنىڭ شىۋېتسىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئازابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.