مۇھىم خەۋەرلەر

ب د ت ئامېرىكىغا ئىنكاس قايتۇردى

ب د ت ئامېرىكىغا ئىنكاس قايتۇردى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم

2025.01.22 14:52 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا قارىتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان خاك 1-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئەرزىيدۇ.

خاك مۇنداق دېدى: «مۆلچەرلىنىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىكەن. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە ئەرزىيدۇ.»

شۇ كۈنى، ترامپنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دىن يەنە بىر قېتىم چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا قارىتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپ باياناتچىسى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: «پارىژ كېلىشىمى» ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى «ئەھمىيەتلىك ھەم جانلىق ھەرىكەت رامكىسى» بىلەن تەمىنلىدى، كوللېكتىپ تىرىشچانلىقنىڭ دەسلەپكى نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈلدى، لېكىن يەنىلا «بىرلىكتە تېخىمۇ ئۇزاق، تېخىمۇ تېز مېڭىش»قا توغرا كېلىدۇ.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «پارىژ كېلىشىمى» بىر مەيدان ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى قوزغاپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋە كارخانىلارنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى تەڭداشسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە گۈللىنىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كىلىمات ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ