شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئىگىلەش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىللەپ تۈزگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىگە ئائىت ئومۇمىي بايان» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي بايان» دېيىلدى) ناملىق كىتاب پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قانداق ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما ۋە ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى كەڭ ۋە چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، بىر قاتار ئىجادىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ «پارتىيە قۇرۇلۇشى قىسمى»نى تەشكىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردىكى تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
«ئومۇمىي بايان» مۇقەددىمە، ئاساسىي گەۋدە، خاتىمەدىن تەركىب تاپقان، جەمئىي 121 مىڭ خەت. پۈتۈن كىتابتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈلۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قىممەت ئىنتىلىشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «ئومۇمىي بايان»نىڭ مەزمۇنى مول، كۆز قارىشى روشەن، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىياسىيلىقى، ئىدىيەۋىلىكى، سىستېمىلىقى، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى نوپۇزلۇق ياردەمچى ئوقۇشلۇق.
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىل ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، «ئومۇمىي بايان»نى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش دەرسلىكى ۋە ئۆگىنىدىغان زۆرۈر كىتاب قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.