شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مىلانوۋىچنىڭ كىرودىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2025.01.20 13:49 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زوران مىلانوۋىچقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كىرودىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كىرودىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش روھى بويىچە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى. مەن جۇڭگو بىلەن كىرودىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - كىرودىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ