«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدىكى بىر قانچە مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسى

2025.01.16 15:08 مەنبە: خەلق تورى

1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدىكى بىر قانچە مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، بۇ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم ئەمەلىيەت نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسى، نەزەرىيە نەتىجىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئاساس ۋە قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن مەھكەم ئىگىلەشكە تېگىشلىك، باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ. توغرىلىرىنى ساقلاش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە، توغرىلىرىنى ساقلىغاندىلا، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، سىجىل يېڭىلىق ياراتقاندىلا، توغرىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىزنىڭ يۆنىلىشى بار، پىرىنسىپى بار. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك، يۆنىلىشكە مۇناسىۋەتلىك، ئۇزاق مەزگىلگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى نامايان قىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات باش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر باش نىشان كۆرسەتكەن يۆنىلىشكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان شىجائەت ۋە جاسارەت بىلەن، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەم باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلەۋاتقان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى قەتئىي راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئىنتايىن مول، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشمۇ مۇقەررەر ھالدا ھەر تەرەپلىمە بولىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئومۇمىي ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتقا ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا، ئىلمىي ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ تەسىر كۆرسىتىش بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات كونىنى بىكار قىلىپ يېڭىنى ئورنىتىش جەريانى، بىكار قىلىش ۋاسىتە، ئورنىتىش مەقسەت. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنىڭ بىرلىكىدە ئىسلاھاتنى پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىسلاھات لايىھەسىنى پىلانلاشتا، جەزمەن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېنىق، زەنجىر مۇكەممەل، ھەممە ھالقىلار بىر - بىرىگە باغلانغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆججەت تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا سەل قاراش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «قۇملۇق ساھىلدا دولقۇن ئاخىرغىچە يېتىپ بارالماسلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت سىياسىي جاسارەت بىلەن، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ ئۆزىنى قاچۇرماي، جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتە بىپەرۋالىق قىلماي، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چېكىنمەي، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاش ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئومۇمىي يىغىن «قارارى»نىڭ روھىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئىسلاھاتنى ئورتاق تۇتۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىسلاھات كۆزلىمىسىنى مۇۋاپىق يېتەكلەپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىسلاھات داۋامىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ۋە شەخسىي پايدا - زىيانغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى تەكشۈرۈش كېرەك. توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئاممىۋى پىكىر بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ