شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موناكونىڭ دۆلەت باشلىقى، شاھزادە ئالبېرت − 2 بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موناكو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۇچقاندەك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىككى تەرەپ سەمىمىي، دوستانە بولۇش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، خەۋەرلىشىش، مۇھىت قوغداش، تەنتەربىيە، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۆزگىچىلىككە ئىگە، نەتىجىسى مول بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان زېمىن، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دوستانە بىللە ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مەن جۇڭگو بىلەن موناكو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، شاھزادە ئالبېرت − 2 بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن موناكو مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
ئالبېرت − 2 مۇنداق بىلدۈردى: موناكو بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى، مەدەنىيىتى، دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدۇق، مۇھىت قوغداش، دېڭىز ـ ئوكيان، ئىقتىساد ـ سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مول نەتىجىلىك بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019 ـ يىلى موناكوغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بارلىق موناكو خەلقىنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك كاتتا ئىش. موناكو تەرەپ موناكو بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، موناكو بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.