لى چياڭ، جاۋ لېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىرى لانكا زۇڭتۇڭى دىسساناياكې بىلەن كۆرۈشتى

2025.01.17 15:12 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىرى لانكا زۇڭتۇڭى دىسساناياكې بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سىرلانكىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 68 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. تۈنۈگۈن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ـ سىرى لانكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى يىرىك پىلان تۈزدى. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن سىرى لانكىنىڭ سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-سىرى لانكا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، كولومبو پورت شەھىرى ۋە خامبانتوتا ئۇنىۋېرسال ئېچىش قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى، دېڭىز-ئوكيان قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى سىرى لانكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، سىرى لانكا تەرەپنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت-ساياھەت، ياشلار، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، يەرلىك قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا قاتارلىق ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداشنى خالايدۇ.

دىسساناياكې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرشارىۋى تىنچلىق، تەرەققىياتقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، سىرى لانكا تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر قايىل. سىرى لانكا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاققىچە مۇستەھكەم بولدى، سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ سىرى لانكىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. سىرى لانكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ يەر شارىۋى تەشەببۇسنى ئالقىشلايدۇ ۋە قوللايدۇ. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، پەن ـ تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىرى لانكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايدۇ.

ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا سىرى لانكا زۇڭتۇڭى دىسساناياكې بىلەن كۆرۈشتى.

جاۋ لېجى مۇنداق بىلدۈردى: تۈنۈگۈن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-سىرى لانكا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سىرى لانكا پارلامېنتىنىڭ جۇڭگو-سىرى لانكا دوستانە ھەمكارلىقىنى پائال قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەرقايسى قاتلام-دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

دىسساناياكې مۇنداق بىلدۈردى: سىرى لانكا -جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىرى لانكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

ۋاڭ دۇڭمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ