1-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغان. بىڭتۈەن باشقۇرىدىغان شەھەرلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلان قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، ئارال شەھىرى، تيېمېنگۇەن شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، خۇياڭخې شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، شىنشىڭ شەھىرىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئېيىغا 1890 يۈەنگە تەڭشىدى، تۇمشۇق شەھىرى، شۇاڭخې شەھىرى، بەيياڭ شەھىرى، بېيتۈن شەھىرى، قۇرۇمقاش شەھىرى ئېيىغا 1750 يۈەنگە تەڭشىدى. سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سائىتىگە 18.9 يۈەن، سائىتىگە 17.5 يۈەنگە تەڭشىدى.
ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە ماس كېلىدۇ، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە ماس كېلىدۇ.
ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەمگەكچى ئۆزى تاپشۇرىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتى مائاشى، چۈشلۈك ئىسمېنا، كېچىلىك ئىسمېنا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق، قۇدۇق ئاستى، زەھەرلىك، زىيانلىق قاتارلىق ئالاھىدە خىزمەت مۇھىتى ۋە شارائىتتىكى قوشۇمچە پۇل، قانۇن-نىزاملار ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ئەمگەكچىلەر پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.