شى جىنپىڭ شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادەم ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2025.01.08 15:31 مەنبە: خەلق تورى

1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نۇرغۇن ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادەم ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ـ داۋالاپ، ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشلار قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش كېرەك. يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، بۇزۇلغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپەت ئەھۋالى ۋە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ ھەم يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىككىلەمچى ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى ئازايتىش كېرەك. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايون ئېگىزلىكتىكى سوغۇق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر دەل قىش پەسلى بولغاچقا، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ـ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەش بويىچە 3 ـ دەرىجىلىك جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى كۈچ تەشكىللەپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش ـ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ