ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنى شەندۇڭنىڭ جىنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، باشتىن چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، تەدبىرلەردە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تىرىشىپ ئىشنى ياخشى باشلاش كېرەك.
لى چياڭ ئالدى بىلەن جىنەن شەھىرىنىڭ چۈەنچېڭ يولىغا جايلاشقان جىڭدۇڭ ئېلېكتىر سايمانلىرى بايراقدار دۇكىنىغا كېلىپ، خېرىدارلار ۋە ساتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پۇقرالارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل بۇ سىياسەتنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تەتبىقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنى داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىياسەتنىڭ مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كونا مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ ئىستېمالىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك. سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا سىياسەتنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
لى چياڭ ئاپتوموبىل تورى ھەمتۈرتكىلىك زەرەتلەش ، ئالماشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش پونكىتىدا ، زەرەتلەش ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ۋە مەشغۇلاتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئاپتوموبىل تورى ھەمتۈرتكىلىك زەرەتلەش، ئالماشتۇرۇش تورى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئەقلىي، تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانى داۋاملىق ئېشىپ، غايەت زور زەرەتلەش، ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى نامايەن قىلدى. زەرەتلەش، ئالماشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يانداش قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەرەتلەش، ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. تېخىمۇ تۈجۈپىلىك، بىخەتەر، يېشىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مېخانىزمدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى بېيىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك.
لى چياڭ خۇاڭخې تەنتەربىيە مەركىزى، داسىخې دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، جىنەننىڭ كونا-يېڭى قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى باشلانغان رايونلىرى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسى، جىنەن شەھىرىنىڭ سۇ تورى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى، زامانىۋى سۇ تورى قاتارلىقلار ھەم مۇھىم ئۇل ئەسلىھە، ھەم مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرى قۇرۇلۇشىدا قاتناش، خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، شەھەرنى يېڭىلاشتا سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پائال شارائىت يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەل ئىچى سېلىنمىسىنى ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق دېدى: شەندۇڭ ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، تايانچلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.