شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

​لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى، لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2025.01.07 15:02 مەنبە: خەلق تورى

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقى مىسلىسىز بولدى، نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىكنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماي، يېرىم قەدەممۇ يول قويماي، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىدە تونۇش تېخىمۇ سەگەك، ھەرىكەت تېخىمۇ قەتئىي بولدى؛ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى سىجىل زورايتىلىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت يوقىتىلدى؛ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان زور بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى؛ پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىرىكلىك پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل بولغان ئۆزلۈك ئىنقىلابى. يېڭى دەۋرگە كىردۇق، پارتىيە ئىچىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئالدىدا، بىز چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، پارىخورلۇقنى جەزمەن يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى قوغداپ، قىزىل ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىدەك تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردۇق، پارتىيەنىڭ بارلىق خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈردۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. چىرىكلىك قالدۇقلىرى تېخى تازىلانمىدى، ئاشۇرۇلما مىقدار يەنىلا سىجىل يۈزبېرىۋاتىدۇ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تونۇشتا، چوقۇم تارىخىي نەزەر، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك، ھەرقانداق ئىككىلىنىش، تەۋرىنىش، بوشاڭلىق قىلىش، يۇمشاق قوللۇق قىلىش ياكى يېرىم يولدا تاشلاپ قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئاغدۇرما خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر بولىدۇ. تۈرلۈك خاتا تونۇشلارنى قەتئىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىدىيە تۇمانلىرىنى تازىلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىرادە ۋە ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا جەزمەن دېگىنىنى قىلىش كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ساھەنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات نىشانى، ئورۇن بېكىتمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش، يۆنىلىش بىردەك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، «يەتتە خىل قىلمىش» بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھەرگىز يول قويماي، سۆز - ھەرىكەتنىڭ بىردەك بولۇشىغا، قىل دېگەننى قىلىپ، قىلما دېگەننى قىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرىكەت جەھەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىرتۈرلۈك دائىملىق خىزمەت، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تاشقى تەلەپنى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشقا ئايلاندۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتە كۈندە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەمما ھېس قىلمىغان سۆز - ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئىنتىزام تەربىيەسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ پۈتكۈل دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈش، تەشكىلىي باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «تۆت خىل ھالەت»تىن توغرا پايدىلىنىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۇۋال قىلماي، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەي، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش، قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھام بېرىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كادىرلارنى قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش داۋامىدا ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى پولاتتەك قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش، يوشۇرۇن ئۆزگىرىشچان بولغان «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، توغرا ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق مەسىلە، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى نۇقتىلىق تۇتۇپ، كۈچەپ تەكشۈرۈپ، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك چىرىكلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى تەقسىملەش، يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى بېيىتىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تەڭ تەكشۈرۈش» ئارقىلىق تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، «تەڭ تۈزەش» ئارقىلىق تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئورتاق مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقۇرۇشى كېرەك، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىشنى ياخشى ئادا قىلىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي كەسىپنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، ھەرقايسى مەسئۇل ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتنى بىلىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باھالاش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى دەل جايىدا، ئىلمىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، بولۇپمۇ شەھەر، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ دائىملاشتۇرۇپ تۇتۇپ، پۇقرالارغا ھېس قىلدۇرۇشى ۋە ئۇلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام نازارەتچىلىك تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنى ئاساسىي قاتلامنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم كۈچ، پارتىيە ۋە خەلق بۇ قوشۇنغا تولۇق ئىشىنىدۇ، زور ئۈمىد كۈتىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇق بېرىش بىلەن ھوقۇقنى كونترول قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سېلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باش تېما تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىل، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، يۈكسەك تارىخىي نەزەر بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى چوڭقۇر ئىگىلەندى، ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. سۆزدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەسىلىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن، قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ دىللارنى يورۇتىدىغان بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەمدە ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن لى شى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ