مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

سەي چى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2025.01.07 14:49 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 1 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنىدىن 4 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كۈچەپ قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان خەلقئارا تارقىتىش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە، ئەمەلىيەت جەھەتتە، تۈزۈم جەھەتتە بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىنتايىن مول، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەڭ مۇھىمى دەل شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت بايرىقىنى تىكلىدى. بۇ مۇھىم ئىدىيەدە يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت زور تېمىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىلدى، ئۇ يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ قوللانما. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەشۋىقات ۋە كۆزلىمە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئەھۋالغا جاۋاب بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى بەرپا قىلىش كېرەك. غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوشۇن ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە چۈشەندۈرۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، شەھەر مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل پەلسەپە ـ ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيې نىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ