شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ كاۋېلاشۋىلىنىڭ گىرۇزىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2025.01.06 14:39 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىخائىل كاۋېلاشۋىلىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گىرۇزىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو - گىرۇزىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل مۇستەھكەملەندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ھەمكارلىشىشى مول نەتىجىلىك بولدى. مەن جۇڭگو - گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ