شى جىنپىڭ بوتسۋانا زۇڭتۇڭى بوكو بىلەن جۇڭگو - بوتسۋانا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.01.07 15:02 مەنبە: خەلق تورى

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بوتسۋانا زۇڭتۇڭى بوكو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - بوتسۋانا مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى دوستلار، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ كەلدى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت سەمىمىي دوستانە ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگو - بوتسۋانا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يولى جەزمەن ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقاندا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي بىر - بىرىمىزنى قوللاپ، ھەرقايسىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - بوتسۋانا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايمەن.

بوكو مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 50 يىللىقى بوتسۋانا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئابىدە. مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆتكەن 50 يىلدىن بۇيان بوتسۋانا بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە ئىتتىپاقلىقى - ھەمكارلىقىغا ئەڭ سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. بوتسۋانا تەرەپ جۇڭگونىڭ قالتىس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىنتايىن زور ئىلھامغا ئېرىشتى، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بوتسۋانانىڭ سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىز بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي قوللايمىز، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بوتسۋانا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ