جاۋ لېجى پېرۇ پارلامېنتىنىڭ رەئىسى سالۇئاننا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2025.01.07 15:03 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا پېرۇ پارلامېنتىنىڭ رەئىسى سالۇئاننا بىلەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

جاۋ لېجى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو-پېرۇ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ پېرۇغا بېرىپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-پېرۇ مۇناسىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ پېرۇ تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-پېرۇ دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاق داۋام قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك. پېرۇ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پېرۇ پارلامېنتى بىلەن يۇقىرى قاتلام، مەخسۇس كومىتېت، ئىككى تەرەپ دوستلۇق گۇرۇپپىسى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. چيەنكەي پورتى جۇڭگو-پېرۇ ھەمكارلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇپ، پېرۇنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى جىپسىلاشتۇرىدىغان، ئاسىيا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-پېرۇ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. پېرۇ پارلامېنتىنىڭ چيەنكەي پورتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئېنېرگىيە-كان، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە مول ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرلىكتە جۇڭگو-پېرۇ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋ لېجى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ پېرۇ تەرەپ بىلەن ئالاقىدار ساھەلەردىكى قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

سالۇئاننا مۇنداق بىلدۈردى: پېرۇ-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر. پېرۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئالاقىدار دۆلەتلەر خەلقىگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كەلدى. چيەنكەي پورتى پېرۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. پېرۇ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئۇل ئەسلىھە، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. پېرۇ پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ھەممىسى پېرۇ-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىردەك قوللىدى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

ۋۇ ۋېيخۇا سۆھبەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ