مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا پېرۇ پارلامېنتىنىڭ رەئىسى سالۇئاننا بىلەن كۆرۈشتى
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ پېرۇغا بېرىپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە پېرۇدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو-پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ پېرۇ تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-پېرۇ مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پېرۇ تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
سالۇئاننا مۇنداق بىلدۈردى: پېرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ ھەممىسى قەدىمىي مەدەنىيلىك دۆلىتى. پېرۇ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، چيەنكەي پورتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. پېرۇ پارلامېنتى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
جوۋ چياڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.