1-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شىزاڭ رىكازى شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «كىشىلەرنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش كېرەك»، «ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك» «ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتىكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي كىشىلەرنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى؛ ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۆپ خىل قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچلىرى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى، نۇرغۇن تارماقلار جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى تېز قوزغاتتى.
گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسىنى 3-دەرىجىدىن 2-دەرىجىگە ئۆستۈردى، دۆلەت ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسىنى 2-دەرىجىگە كۆتۈردى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا 22 مىڭ پارچە مەركەز ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەش ئاساسىدا، دۆلەت ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىغا ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ماسلىشىپ كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى جىددىي قوزغىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا پار ئوچاق، توك ئەدىيال قاتارلىق 130 مىڭدىن ئارتۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيا ياردىمى بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. 7-چېسلا سائەت 22 ئەتراپىدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى 5800 يەشىكتىن ئارتۇق پاختىلىق چېدىر، پاختىلىق كىيىم، يوتقان قاتارلىق مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يەتكۈزۈلدى.
7-چېسلا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتىدىن 100 مىليون يۈەن سېلىنمىنى جىددىي ئاجراتتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى مەركەز تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەننى جىددىي ئالدىن ئاجرىتىپ، ئاپەت رايونىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بەردى.
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىللىقلىق ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ خەتەرلىك جايلارغا توپلاندى، كۈچ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئەتراپىغا توپلاندى. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كەسپىي كۈچلەر ئېگىزلىكتىكى قاتتىق سوغۇق قاتارلىق پايدىسىز تەسىرلەرنى تىرىشىپ يېڭىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ قۇتقۇزدى.
ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ نۇرغۇن كۈچى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى. غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئەھۋالغا ئاساسەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، يەر تەۋرەش رايونى ئەتراپىدىكى ئەسكىرىي كۈچ، داۋالاش، قاتناش، ھاۋارايى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ئەۋەتتى. نۆۋەتتە، ئۇرۇش رايونىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قوماندانلىق ئورنىدىكى خادىملار «يۈن-20» ناملىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يېتىپ باردى.
7-چېسلا سائەت 21 گىچە، شىزاڭ ھەربىي رايونى بىرىنچى تۈركۈمدە 750 تىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچنى ئىشقا سېلىپ، دىڭرى ناھىيەسى چاڭسو يېزىغا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئۈچ داۋالاش ئەترىتىدىكى 70 تىن ئارتۇق داۋالاش خادىمىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشقا ئەۋەتتى. رىكازې تەرەپكە 143 چېدىر، 49 يۈرۈش ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار توپلاندى. 7-چېسلا سائەت 15 تىن 30 مىنۇت ئۆتكۈچە، قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى 595 نەپەر ئوفىتسېر-ئەسكەرنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا ئاجرىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن 120 نەچچە كىشىنى يۆتكىدى، كۆمۈلۈپ قالغان 32 ئاممىنى قۇتقۇزدى، 12 كىشىنى داۋالاپ قۇتقۇزدى.
ھازىرغىچە، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش قوشۇنىدىن 1500 كىشىنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 300 كىشى يەر تەۋرەش مەركىزى رايونىغا يېتىپ باردى، ئاپەت بىرقەدەر ئېغىر بولغان يېزا-بازارلاردىن قاپسىلىپ قالغان 26 كىشى ئىزدەپ قۇتقۇزۇلدى، 660 تىن ئارتۇق ئامما يۆتكەپ تارقاقلاشتۇرۇلدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى، سىچۈەن داشۆ خۇاشى دوختۇرخانىسى دۆلەت جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونغا جىددىي ئەۋەتتى.
گۇڭئەن مىنىستىرلىقى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، شىزاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، ئامانلىق قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىدى. 7-چېسلا چۈشكىچە، رىكازې شەھىرى، دىڭرى ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلىك، رايونلۇق گۇڭئەن ئورگانلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈركۈمدە 460تىن ئارتۇق ساقچىنى نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شىزاڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى 1-تۈركۈمدە 200 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىشقا تەشكىللىدى. 7-چېسلا سائەت 15 تىن 30 مىنۇت ئۆتكۈچە، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە قاتناشقان كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىلىرى قاپسىلىپ قالغان 21 ئاممىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، ئاپەتكە ئۇچرىغان 600 دىن ئارتۇق ئاممىنى بىخەتەر يۆتكىدى، 116 جايدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار زىيانغا ئۇچرىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، قاتناش، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر-خەۋەرلىشىش ساھەسىنى بۇزۇلغان خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشقا تەشكىللەپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 3-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويدى، 7-چېسلا سائەت 18 گىچە، زىيانغا ئۇچرىغان بارلىق يول بۆلەكلىرى جىددىي راۋانلاشتۇرۇلدى.
تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە IV دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنى قوزغىتىپ، يەرلىكنىڭ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تېخنىكا تىرىكى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتتى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە 2-دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنى قوزغاتتى ھەمدە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئۆي-ئىمارەتلەر ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى سۇچىلىق بويىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش IV دەرىجىلىك جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى قوزغىتىپ، يەر تەۋرەش رايونىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتنى تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، 7-چېسلا سائەت 10 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش تەسۋىرى تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى دەريا ئېقىنلىرىدا توختام سۇ كۆلى، توسما يار ئېلىپ كېتىش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللار بايقالمىغان. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئاپىتى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسىنى 3-دەرىجىدىن 2-دەرىجىگە ئۆستۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىنىش ۋە بوراندىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتتى.
كادىرلار بىلەن ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى
يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسىنى 1-دەرىجىگە كۆتۈردى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان ئاپەت رايونىغا بېرىپ، كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتتى، ھەر مىللەت ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ پاختىلىق كىيىم-كېچىكىگە، ئىسسىق تاماق يېيەلىشىگە، پاكىز سۇ ئىچەلىشىگە، بىخەتەر، ئىسسىق ۋاقىتلىق تۇرالغۇسى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ھەر دەرىجىلىك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش، گۇڭئەن كادىر-ساقچىلىرى ھەمدە جەمئىيەت جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-مۇلازىمەت قىلىش كۈچىدىن 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يۆتكەپ، خادىملارنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغان 407 ئاممىنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇپ چىقتى، 14 يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان 30 مىڭ 400 دىن ئارتۇق ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايون، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك جەمئىي 24 داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى، 106 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئەۋەتىپ، يۆتكەپ توشۇش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى. ئاپەتكە ئۇچرىغاندا جىددىي ئېھتىياجلىق جەمئىي 170 مىڭدىن ئارتۇق پاختا چېدىر، پاختىلىق پەلتو (سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمى)، ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق زۆرۈر ماددىي ئەشيانى ئاپەت رايونىغا جىددىي توشۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلەندۈردى.
نۆۋەتتە، دىڭرى ناھىيەسىنىڭ سوگو يېزىسى، چاڭسو يېزىسى، چۈلو يېزىسىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالى تولۇق جىددىي رېمونت قىلىپ راۋانلاشتۇرۇلدى؛ دىڭرى ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى ۋە شوغىر بازىرى، گاڭگا بازىرى، جاسو يېزىسى، رۇڭشيا يېزىسى، كېما يېزىسى توك بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، دىڭرى خەلق مەيدانى، چاڭسو يېزىسى ۋە شاگو يېزىسى قاتارلىق ئالتە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا توك ئۇلاش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى 43 نەپەر تېببىي خادىمنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتتى، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئالاقىدار دوختۇرخانىلار يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش يېشىل يولى ئاچتى، قوبۇل قىلىپ داۋالاشتا كارىۋات يېتەرلىك بولدى، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش ھەم ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە. شىزاڭ ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسى 50 مۇتەخەسسىس ۋە 12 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى.
بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىپ، ئىللىقلىقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە مۇجەسسەملىدى
بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش كېرەك. يەر تەۋرەش ئاپىتىگە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆڭۈل بۆلمەكتە. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپ تەرەپتىن كەلگەن كۈچلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە تېزدىن ئاتلىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرمەكتە.
سىچۈەن ئۆلكىلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى شىزاڭ لىنجىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۈچ مۇتەخەسسىسنى شۇ جايدا 1-تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش كۈچىگە ئۆزگەرتىپ، يەر تەۋرەش مەركىزىگە دەرھال ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەككىز كىشىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى كۆپەيتىپ، 2-تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش كۈچىنى تەشكىللەپ، يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن شۇ كۈنى شىزاڭغا ئايروپىلان بىلەن جىددىي يولغا سالدى.
جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى تەبىئىي ئاپەتتىن كېيىنكى قۇرۇش-قۇتقۇزۇش چېڭدۇ بازىسى (جۇڭگو ئەننېڭ چېڭدۇ بازىسى) 50 ئادەم قېتىم كەسپىي قۇتقۇزۇش خادىمىنى جىددىي ئاجراتتى، ئۇلار ھاياتلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى، لازېر نۇرلۇق ئورۇن يۆتكەش رادارى، يەككە ئەسكەر رەسىم يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىسى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ قاتارلىق قۇتقۇزۇش، رازۋېدكا قىلىش، ئۆلچەش جابدۇقلىرىنى ئېلىپ، ئايروپىلان، پويىز قاتارلىق قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيدانىغا جىددىي ئاتلاندى.
قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كېچىلەپ تېز سۈرئەتتە توپلىدى. جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى قوزغىتىپ، پاختىلىق چېدىر، يوتقان، ئىسسىق ساقلاش دالا كىيىمى، قاتلىنىدىغان كارىۋات قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىدىن 4600 دانە (يۈرۈش)نى جىددىي يۆتكەپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى يەر تەۋرىگەن رايونغا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئاۋمېن قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش فوندىدىن 200 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئاجرىتىپ شىزاڭدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئەۋەتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللىدى.
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە قاراشلىق جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 13 مىليون 749 مىڭ يۈەن پۇلنى جىددىي توپلاپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاياللار، بالىلار ۋە ئائىلىلەرنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىنى قوللىدى.
مەركەز كارخانىلىرى تېزدىن ئاۋاز قوشۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى لىنىيە بويىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بەلگە تەسىس قىلىپ، مەخسۇس يېشىل يول ئېچىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىغا ئالدىن ماي قاچىلىدى، لىنىيە بويىدىكى ۋە تەۋرەش رايونىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا ماي زاپىسى يېتەرلىك، تەمىنلەش مۇقىم بولدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوشۇنىدىن جەمئىي 141 ئادەم، 40 دانە جىددىي رېمونت ئاپتوموبىلى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە توك كاپالىتى جابدۇقلىرىدىن 17نى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىزاڭ شىركىتى جەمئىي 57 كاپالەت خادىمىنى ئورۇنلاشتۇردى، مۇلازىمەت قايتۇرۇش ئاساسىي پونكىتىدىن 113 نى جىددىي راۋانلاشتۇردى، قالغان ئاساسىي پونكىتلار پۈتۈن كۈچى بىلەن جىددىي راۋانلاشتۇرماقتا. جۇڭگو قاتنىشى گۇرۇھىغا قاراشلىق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يىغىلىش نۇقتىسىغا يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوغۇقتىن ساقلاش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەردى.