تايلاند «مىللەت گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند رەقەملىك ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مىنىستىرلىقى كۈنسېرى ئەدەپ كېتىۋاتقان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ خېرىدارلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئالاقىدار جاۋابكار تەرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا زىيان تۆلىمى بېرىش توغرىسىدا بىر تۈرلۈك جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە رەقەملىك ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى باسې 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق بىلدۈرگەن: بۇ جىددىي بۇيرۇق مۇشۇ ئاي ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۇ بىر جىددىي ئىش بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.»
باسې مۇنداق قارايدۇ: پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئابۇنىچىلارغا ھېسابات ئېچىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ئالدامچىلىق شايكىسى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
باسې تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: كۆچمە خەۋەرلىشىش سودىگەرلىرى ئىشلەتكۈچىلەر قوبۇل قىلغان قىسقا ئۇچۇرلارنى تاللاپ، ئالدامچىلىق ئۇلىنىشى بولۇشى مۇمكىن بولغان قىسقا ئۇچۇرلارنى سۈزۈۋېتىشى كېرەك.