بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: ئەزەربەيجان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ئۇچۇرىنى خاتىرىلەش سىستېمىسى («قارا قۇتا)نىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىشنى تاماملىدۇق ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى قازاقىستان ئاۋىياتسىيە ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەردۇق.
بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ «قارا قۇتىسى» 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بىرازىلىيەگە ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە بىرازىلىيە ئاۋىياتسىيە ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان. سانلىق مەلۇمات ئېلىش ۋە تەھلىل قىلىش خىزمىتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاخىرلاشقان. خەلقئارا كېلىشىمگە ئاساسەن، بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان قازاقىستان ئاۋىياتسىيە ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
2024 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئەزەربەيجان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئەزەربەيجان باكۇدىن رۇسىيە گىروزىنغا قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاقتاۋ شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندا جەمئىي 62 يولۇچى، بەش ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 38 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بىرازىلىيە ئاۋىياتسىيە سانائەت شىركىتى ياسىغان.